پاكىستان ھۆكۈمىتى، پاكىستان خەلقى بىن لادىننىڭ چاقىرىقىنى قوللىمايدۇ، دېدى

ئوساما بىن لادىننىڭ، پاكىستان خەلقىنى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ھېسابلانغان، پرېزىدېنت پەرۋاز مۇشەررەپكە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشكە چاقىرغانلىقى، پاكىستاندا ئاز ساندىكى بىر قىسىم رادىكال گۇرۇپپىلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، پاكىستاندىكى كەڭ خەلق ئاممىسى ئارىسىدا چوڭ بىر تەسىر قوزغىمىغان. پاكىستان ھۆكۈمىتى بولسا، بىن لادىننىڭ پاكىستان خەلقىنى ئىسيان كۆتۈرۈشكە چاقىرغان باياناتىنى، كۆلكۈلۈك بىر چاقىرىق دەپ، كۆرسەتمەكتە.

پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋاز مۇشەررەپنىڭ باياناتچىسى راشىت قۇرەيشى، جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىن لادىننىڭ چاقىرىقىغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئارقىلىق، بىنلادىنغا سورۇن يارىتىپ بېرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پاكىستان خەلقى بىن لادىننىڭ چاقىرىقى بىلەن ھېچقاچان قوراللىنىپ، ئىسيان كۆتۈرمەيدۇ، دېدى.

لېكىن ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە بىن لادىننىڭ چاقىرىقى پاكىستاندىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما پاكىستاننىڭ، تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكىنىڭ سېپىدا ئورۇن ئالغانلىقىنىڭ پاكىستاننىڭ مۇقىملىقىغا ئېلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىرى ھەققىدە، پاكىستاندا جىددىي مۇنازىرە قوزغىشى مۇمكىن ئىكەن.

شۇنداقلا، پاكىستان رازۋېتكا خادىملىرى جۈمە كۈنى، پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ بىن لادىننىڭ چاقىرىقىغا جىددىي قاراپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

بىن لادىن پەيشەنبە كۈنى تېلېۋىزورلاردا كۆرسىتىلگەن سىنئالغۇ لىنتىسىدا، ئىيۇل ئېيىدا پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىغا ئىسلام - ئابادتىكى قىزىل مەسچىتگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەنلىكى ئۈچۈن، پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋاز مۇشەررەپنى كاپىر دەپ ئاتىغان.

ئامېرىكا رازۋېتكا خادىملىرى، پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن پاكىستان-ئافغانىستان چېگرا رايونىدىكى قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ، ئەلقائىدە تەشكىلاتىغا، قايتىدىن تەشكىللىنىپ، پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىشى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلىشماقتا. (ئۆمەر قانات)