پاكىستان دائىرىلىرى خىتاي قۇرۇلۇش خادىملىرىنى قوغداشنى كۈچەيتتى


2005.01.06

پاكىستان ھۆكۈمىتى، پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر نېفىتلىكتە ئىشلەۋاتقان خىتاي قۇرۇلۇش خادىملىرىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتتى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي قۇرۇلۇش خادىملىرى خىزمەت قىلىۋاتقان نېفىتلىكنىڭ ئەتراپىدىكى قەبىلىلەردىكى كىشىلەر يېقىندا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتتىن مەزكۇر نېفىتلىكتىن ئىش بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

پاكىستان ھۆكۈمىتى گەرچە ھازىرچە خىتاي قۇرۇلۇش خادىملىرى ھېچقانداق تەھدىدكە ئۇچرىمىسىمۇ، ئەمما ئالدىن تەدبىر ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەرگە قارىغاندا، پاكىستان دائىرىلىرى خىتاي قۇرۇلۇش خادىملىرىنى قوغدايدىغان ساقچى ۋە ھەربىيلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتكەن.

خىتاي پاكسىتاننىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، نەچچە يۈزلىگەن خىتايلار پاكىستانغا كىلىپ، نۇرغۇن قۇرۇلۇشلاردا ئىشلىمەكتە. بىراق بەزى يەرلىكلەر بۇنىڭغا نارازى بولغان.

ئۆتكەن يىلى 10 - ئايدا جەنۇبىي ۋازىسىتاندىكى سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان ئىككى خىتاي ئىنژىنېرى ، ئۇلارنىڭ شوپۇرى ۋە بىر نەپەر ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىم يەرلىك مىلىتان گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنىپ، بىر خىتاي ئىنژىنېرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. يەنە بىرى بولسا قۇتقۇزىۋېلىنغان ئىدى.(ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.