پاكىستان پرېزىدېنتى خىتايدىكى زىيارىتىنى باشلىدى
2006.02.19
پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋەز مۇشەررەف يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، بۇ يەردىكى 5 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرگە قارىغاندا، مۇشەررەف خىتايدىكى زىيارىتىدە جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ باشچىلىغىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرىشىدىكەن. مۇشەررەف خىتايغا مېڭىشنىڭ ئالدىدا، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىم قانداق قىلىپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىش ھەمدە دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەققىدە سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ يەنە، "بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز نۇرغۇن سىناقلاردىن ئۆتكەن ھەمدە كەڭ ئاساسقا ئىگە شۇنداقلا بارلىق ساھەدىكى مۇناسىۋەتلىرىمىز ناھايىتى قويۇقتۇر" دەپ بىلدۈردى. خىتاي بىلەن پاكىستان ئۇزۇن يىللىق يېقىن خوشنا دۆلەتلەر بولۇپ، خىتاي يەنە پاكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ قورال تەمىنلىگۈچى دۆلىتىدۇر. شۇنداقلا ئىلگىرى غەرب ئەللىرى خىتاينى پاكىستانغا بالىستىك باشقۇرىلىدىغان بومبىلارنى ساتقانلىقى بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى.
مۇشەررەفنىڭ خىتايغا قىلغان سەپىرىدىن 3 كۈن ئاۋال پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىدە ئىشلەيدىغان 3 نەپەر خىتاي ئېنژىنېرى ھۆكۈمەتكە قارشى يەرلىك كۈچلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقەنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پاكىستاندا ئۆلتۈرۈلگەن خىتاي ئىنژېنىرلىرىنىڭ جەسىدى ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ كېلىندى
- پاكىستان پرېزىدېنتى مۇشەررەف خىتاينى زىيارەت قىلماقچى
- پاكىستان خىتايدىن يادرو رېئاكتور قازىنى سېتىۋېلىش ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا
- خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسى تەھدىت خېتى تاپشۇرۇۋالغان
- ش ھ ت پاكىستاننى كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىدە قوبۇل قىلىشنى مۇزاكىرە قىلماقتا