پاكىستان بىلەن خىتاي ئېنېرگىيە ۋە نېفىت تەبىئى گاز تۇرۇبا كېلىشىمى ئىمزالىدى
2006.04.28
پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيادىن ئىمپورت قىلىدىغان نېفىتنى پاكىستان ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يەتكۈزۈۋېلىشكە يول بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پاكىستان ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىككى دۆلەت ئېنېرگىيە ساھەسى ۋە نېفىت، تەبئىي گاز قېزىش، تۇرۇبا ياتقۇزۇش تۈرلىرى بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. كېلىشىم بويىچە پاكىستان ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيانىڭ مول تەبئىي گاز ۋە نېفىتىنى قانداق قىلىپ پاكىستان زېمىنى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خىتايغا يەتكۈزۈش يوللىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ، "بىز ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىمىزنى بولۇپمۇ نېفىت ئەسلىھەلىرى، نېفىت ئامبارلىرى ۋە تەبئىي گاز تۇرۇبىلىرىنى ياتقۇزۇش تۈرلىرى بويىچە ئەمىلىلەشتۈرۈشكە تىرىشىمىز،" دەيدۇ. پەرۋىز مۇشەررەپ، كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە پاكىستاننىڭ خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پارىس قولتۇقىدىن ئىمپورت قىلغان نېفىتنى توشۇشقا يول بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىز ئېنېرگىيە تۇرۇبىسى ۋە تۆمۈر يول قۇرۇش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنى تۇتاشتۇرىدىغان 9 ۋە 10 - مۆجىزىنى يارىتالايمىز،" دېگەن. قارا قۇرۇم تاش يولى قۇرۇلغاندا پەرۋىز مۇشەررەپ بۇنى دۇنيادىكى 8 - مۆجىزە، دېگەن ئىدى.
جوڭگو پاكىستاننى قورال- ياراق بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت شۇنداقلا پاكىستاننىڭ يادرو ئېنېرگىيە ئىستانسىسى قۇرۇشىغا ياردەملەشمەكتە. يېقىندا ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا ئىمزالانغان يادرو ئېنېرگىيە كېلىشىمى ئىسلامئاباد دائىرىلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ئىدى. (ئەركىن)