خىتاي قىسىملىرى مانىۋېرغا قاتنىشىش ئۈچۈن پاكىستانغا كەلدى


2006.12.11
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

دۈشەنبە كۈنى 200 دىن ئارتۇق خىتاي ھەربىي قىسىملىرى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە پاكىستان بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانىۋېرغا قاتنىشىش ئۈچۈن پاكىستاننىڭ شمالىيدىكى تاغلىق رايونغا كەلگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنى پاكىستان ئەسكەرلىرى ئابادئاباد دا ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالغان. بۇ خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ پاكىستان تېررىتورىيىسىگە تۇنجى قېتىم ئاياق بېسىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. 2004‏- يىلى پاكىستان ۋە خىتاي ھەربىي قىسىملىرى تۇنجى قېتىم بىلەن بىرلىكتە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزگەن ئىدى.

ئون كۈن داۋاملىشىدىغان "دوستلۇق 2006" دەپ ئاتالغان بۇ مانىۋېر تېررورچىلىققا بىرلىكتە زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇ مانىۋېرنىڭ خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋنىڭ پاكىستاننى زىيارەت قىلىشىدىن ئىككى ھەپتە كېيىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا دىققەت تارتماقتا.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي ساھەدىكى ھەمكارلىق كۈنسېرى كۈچىيۋاتقان بولۇپ، خىتاي پاكىستان قورال بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئاساسلىق دۆلەت ھېسابلىندۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستانغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن نۇرغۇن ياردەم بەرمەكتە.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان خىتاينىڭ بۇ ياردەملىرىنىڭ بەدىلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياردەم قىلماقتا.

دېگەندەك پاكىستان ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە مۇھەممەت توختى، ئىسمائىل قارى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ھەسەن مەخسۇم 2003‏- يىلى پاكىستانىڭ شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدا پاكىستان ھەربىي قىسىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.