ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان " پۇل - مۇئامىلە گېزىتى" نىڭ سەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتايدىن كۆپ بولغاندا 8 دانە يادرو رېئاكتور قازىنى سېتىۋېلىش مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا. مەزكۇر گېزىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ سودىنىڭ قىممىتى 7 مىليارد دوللاردىن 10 مىليارد دوللارغىچە يېتىشى مۇمكىن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك پاكىستان ئەمەلدارلىرى يادرو رېئاكتور قازىنى قۇرۇلۇشىنىڭ - 2015 يىلى باشلىنىپ 10 يىلدا پۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پاكىستان باش مىنىستىرى شەۋكەت ئەزىزى، ئۆتكەن ھەپتە خىتاي تەرەپنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان چەشمە يادرو ئىستانسىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغان.
پاكىستان ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىن پاكىستاننىڭ تىنچلىق مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يادرو تېخنىكىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما پاكىستان يادرو پەنلەر ئالىمى ئابدۇلقادىر خاننىڭ 2004 - يىلى ئىران، شىمالىي كورىيە ۋە لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى يادرو تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەش ۋەقەسىدىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەت پاكىستان يادرو قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان.
پاكىستاننىڭ تۇنجى يادرو ئىستانسىسى 1974 - يىلى كانادانىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن غەرب ئەللىرى ئامېرىكىنىڭ بېسىمى ئاستىدا پاكىستان بىلەن يادرو ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىشنى توختاتقان ئىدى. (ئەركىن)