پاكىستان قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرىلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى


2004.12.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئەمەلدارلىرى كەشمىر مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقان مەزگىلدە، پاكىستان چارشەنبە كۈنى يادرو ئوق بېشىغا ئىگە قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى.

ئەمما پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى، بۇ قېتىملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا ھېچقانداق سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ بىر سىياسىي سىگنالمۇ ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پىلان بويىچە ھىندىستان ۋە پاكىستان ئەمەلدارلىرى كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ، يادرولۇق قوراللار ۋە دائىمىي تۈردىكى قورال-ياراق ساھەسىدە ئۆز-ئارا ئىشىنىش چارىلىرى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى. ئەمما ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق يادرو سىنىقى ھەققىدە تېخى دەرھال ئىنكاس قايتۇرمىدى.

پاكىستان بىلەن ھىندىستان 1998 - يىلى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ھازىرغىچە كۆپ قېتىم يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىقى پاكىستاننىڭ 10 كۈن ئىچىدە قويۇپ بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پاكىستان مۇشۇ يىلدىلا 6 قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ باردى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.