پاكىستان يادرو قوراللىرىنىڭ رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس
-
2008-01-26 -
-
-
پاكىستان ئىستراتېگىيىلىك قوراللار بىخەتەرلىكنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو قوراللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، "پاكىستاندىكى يادرو قوراللارنىڭ رادىكال ئىسلامىي گۇرۇپپىلارنىڭ قولغا چۈشۈپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس" دەپ كۆرسەتتى.
پاكىستان يادرو قوراللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى بولۇپمۇ، پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ۋە پاكىستان سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى بەنەزىر بۇتتونىڭ، بىر سۈيىقەست نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، غەرب دۆلەتلىرىدە مۇھىم بىر مۇنازىرە تېمىسى ئايلانغان ئىدى.
غەرب دۆلەتلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان سىياسەتچىلەر ۋە مۇلاھىزىچىلەر، پاكىستان يادرو قوراللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلسىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشىلىرىنى بايان قىلىپ، پاكىستاندىكى يادرو قوراللارنىڭ، پاكىستان دۆلىتى ئىچىدىكى رادىكال ئۇنسۇرلار ئارقىلىق رادىكال ئىسلامىي گۇرۇپپىلارنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قىلىش ئېھتىماللىقى، بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋاز مۇشەررەپمۇ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قىلىش ۋە بۇ مەسىلىدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، پاكىستاندىكى يادرو قوراللار كارتىسىنى ئويناشقا تىرىشقان.
لېكىن، پاكىستان يادرو قوراللىرىنى قوغداش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان گېنېرال خالد خىدۋىي، شەنبە كۈنى ئىسلام ئاباتتا، چەتئەللىك مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، "بىز پاكىستان يادرو قوراللىرىغا قارىتىلغان ھەرقانداق ئىچكى-تاشقى تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە،" دېگەن.
ئۇ، ئۆتكەن يىلى پاكىستاندا باشلانغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملار دولقۇنىدىن كېيىن، يادرو قوراللار ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئەمما، ھازىرغىچە پاكىستان يادرو قوراللىرىغا قارشى ھېچقانداق بىر تەھدىتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گېنېرال خىدۋىي، پاكىستاندا ئېلىپ بېرىلىدىغان دېموكراتىك بىر سايلامدا، رادىكال دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ھاكىمىيەت بېغىشىغا كېلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئافغانىستان، ئىراننى ئەيىبلىدى
- مۇشەررەف : كېلەر ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام ئەركىن ، ئادىل بولىدۇ
- پاكىستان ساقچىلىرى بۇتتونى ئۆلتۈرگەن جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتى
- پاكىستاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھۇجۇمىدىن يەنە بىرى يۈز بەردى
- بۇتتونىڭ يولدىشى، ب د ت نى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى
- پاكىستاندا سايلام ئالتە ھەپتە كېچىكىدۇ
- پاكىستان پارلامېنت سايلىمى كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن
- پاكىستاندا زوراۋانلىق ۋە قان تۆكۈش ھەرىكەتلىرىدە تۆت كۈندىن بۇيان 47 ئادەم ئۆلدى
- بەنەزىر بۇتتونىڭ ئوغلى ئۇنىڭ ئىزىنى باستى
- پاكىستان دائىرىلىرى: بەنەزىر بۇتتونىڭ ئۆلۈمىدە ئەل - قائىدىنىڭ قولى بار
- سابىق پاكىستان باش مىنىستىرى بەنەزىر بۇتتو سۈيقەستكە ئۇچرىدى