پاكىستان يۇ تۇب ئىنتېرنېت تورىنى قامال قىلىشنى بىكار قىلدى
-
2008-02-26 -
-
-
پاكىستان ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان دائىرىلىرى بىر نەچچە كۈن داۋاملاشتۇرغان، مەزكۈر دۆلەتتىن يۇ تۇب ئىنتېرنېت تورىغا چىقىشنى قامال قىلىش ھەرىكىتىنى سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ بىكار قىلغان.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيىسىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، بۈگۈن پاكىستان تېلېگراف ئىدارىسى باشلىقى يو تۇب ئىنتېرنېت شىركىتىگە ئۇچۇر ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىلدۈرگەن. گۇگۇل شىركىتىنىڭ ئىسپاتلىشىغا قارىغاندىمۇ يو تۇب ئىنتېرنېت تورى پاكىستاندا ئۇلىنىشقا باشلىغان.
پاكىستان ھۆكۈمىتى ئەسلى ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن باشلاپ يۇ تۇب ئىنتېرنېت تورىغا چىقىشنى توساش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن بولۇپ، يەكشەنبە بۇ تور پاكىستاندا پۈتۈنلەي پالەچ ھالەتكە كەلگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، گوللاندىيە دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر ئەزاسى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان، ئىسلام دىنىنى سەلبىيلەشتۈرىدىغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ يۇ تۇب تورىغا قويۇلۇشى پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ مەزكۈر تور بەتنى قامال قىلىشىغا سەۋەب بولغان بولۇپ، يۇ تۇب شىركىتى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تورنىڭ پاكىستاندا ئېچىلىشىنى قامال قىلىش تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك قامال قىلغان بولسىمۇ، ئەمما شۇ سەۋەبلىك دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئىنتېرنېت ئابونتلىرىنىڭ يۇ تۇب ئىنتېرنېت تورىغا كىرىشىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە دەخلىگە ئۇچرىغان.
يېقىندا ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يۇ تۇب تورىغا كىرىشىنى قاتتىق نازارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە يۇ تۇب تور بېتىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە باشقا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھەققىدىكى خەۋەر ھەم كۆرۈنۈشلەر سەۋەب بولۇۋاتقان ئىكەن. گەرچە، خىتاي دائىرىلىرى يۇ تۇب تورىنى ئۇيغۇر ئېلىدە پۈتۈنلەي قامال قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەل تور بەتلىرى ئاساسەن قامال قىلىنىدۇ. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ياۋروپا پارلامېنتنىڭ خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى قارار لايىھىسىنى ئالقىشلىدى
- كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى چەكلەش ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى
- ئامېرىكا ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك شىركىتى خىتاينى ئىنتېرنېت جاسۇسلۇقى بىلەن ئەيىپلىدى
- ياخۇ ئىنتېرنېت شىركىتى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا كەچۈرۈم سورىدى
- ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بارلىق تورخانىلار نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدۇ
- خىتاي بۇ يىلمۇ ئىنتېرنەتكە دۈشمەن دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى مەتبۇئات مەسىلىسى ھەققىدە 24 سائەت نامايىش ئۆتكۈزدى
- بىر قىسىم ئىنتېرنېت شىركەتلىرى خىتاينىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە خىلاپ ھەرىكەتلىرىگە شېرىكلىك قىلماقتا
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى قوغداش لايىھىسىنى قوللىدى
- چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى Yahoo شىركىتىنى جوڭگودا ئاخبارات كونترول قىلىشنى يولغا قويماقتا، دەپ ئەيىپلىدى
- Google خىتايدا رۇخسەتسىز مەشغۇلات ئېلىپ بارغانلىقىنى رەت قىلدى