8 نەپەر شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىر چىڭداۋدا جەنۇبىي كورىيىلىكلەرنىڭ مەكتىپىگە كىرىۋالدى


2005.10.11
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتايدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن 8 شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىر، سەيشەنبە كۈنى چىڭداۋدا جەنۇبىي كورىيەنىڭ بىر مەكتىپىگە ئوغۇرلۇقچە كىرىپ، جەنۇبىي كورىيەدىن سىياسى پاناھلىق تىلىدى.

مەكتەپ دائىرىلىرى ۋەقەنى جەنۇبىي كورىيىنىڭ شۇ جايدىكى كونسۇلخانىسىغا ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، كونسۇلخانا دائىرىلىرى مەكتەپكە كېلىپ مۇساپىرلارنى ئېلىپ كەتكەن. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ 8 شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىر ئۆتكەن ئايدا خىتايغا قېچىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار 7 نەپەر شىمالىي كورىيىلىكنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرى دۆلىتىگە قايتۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيىلىكلەرنىڭ چىڭداۋدىكى مەكتىپىگە كىرىپ پاناھلىق تەلەپ قىلغان.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇساپىرلارنىڭ ھازىر چىڭداۋدىكى جەنۇبىي كورىيە كونسۇلخانىسىدا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى مۇساپىرلارنىڭ جەنۇبىي كورىيىگە كېتىش ئۈچۈن چېگرىدىن ئايرىلىشىغا يول قويۇش - قويماسلىقىغا باھا بېرىشنى خالىمىغان.

جەنۇبىي كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭ ئالدىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 7 نەپەر شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرنى دۆلىتىگە قايتۇرۇۋەتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.