پاكىستاندىكى قەبىلە رەئىسى ئوسما بىن لادىن ۋە موللا ئۆمەرگە پاناھلىق بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

پاكىستان- ئافغانىستان چېگرا رايونىدا پاناھلانغان ئۆزبېك مىلىتانتلار ۋە ئۇلارنىڭ يەرلىك قوللۇغۇچىلىرىغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پەشتۇن قەبىلە رەھبىرى موللا نەزىر ئەخمەت، ئەگەر يەرلىك قەبىلىلەرنىڭ قائىدە-قانۇنلىرىغا ۋە ئەنئەنىلىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلسا، ئوسما بن لادىنغىمۇ رايوندا پاناھلىق بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

موللا نەزىر ئەخمەت جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، پەشتۇن مىللىي ئەنئەنىسىنىڭ پاناھلىق تەلەپ قىلغان چەتئەللىكلەرگە پاناھلىق بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئوسما بىن لادىن ۋە موللا ئۆمەر قاتارلىق كىشىلەرنىڭ بۇنىڭ سىرتىدا قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. لېكىن ئۇ ئوسما بىن لادىن ۋە موللا ئۆمەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ قايسى يەردە ئىكەنلىكىنى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

چەتئەللىك مىلىتانتلارغا بولۇپمۇ، ئۆزبېكىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى تاھىر يولداش رەھبەرلىكىدىكى ئۆزبېك مىلىتانتلارغا قارشى ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن موللا نەزىر، "ئەگەر چەتئەلللىك مىلىتانتلار تەسلىم بولسا، ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلىمىز. لېكىن ئۆزبېك مىلىتانتلار بۇنىڭ سىرتىدا" دەپ كۆرسەتتى.

ئافغانىستاندىكى تالىبانلار ھاكىمىيىتى 2001‏- يىلى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە گۇمران بولغاندىن كېيىن، مىڭلىغان ئۆزبېك، چىچەن ۋە ئەرەب قاتارلىق مىڭلىغان چەتئەللىك مىلىتانت ئافغانىستاندىن قېچىپ پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىدا پاناھلانغان.

رايوندىكى پەشتون قەبىلىلىرى ئۇلارغا پاناھلىق بەرگەن ئىدى. لېكىن پاكىستان- ئافغانىستان چېگرا رايونىدىكى قەبىلىلەر مارت ئېيىدا بىر قەبىلەر رەھبىرى چەتئەللىك مىلىتانتلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ ياردىمى بىلەن چەتئەللىك مىلىتانتلارغا ئاساسەن ئۆزبېك مىلىتانتلىرىغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتدى.

موللا نەزىز ئەخمەتنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى ھەپتىلەردە پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە رايوندا 300 ئەتراپىدا چەتئەللىك مىلىتانت ئۆلگەن. (قانات)