كانادا پات يېقىندا لەي چاڭشىڭنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ

كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرقىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئەتكەسچىلىك ۋە خىيانەتچىلىك ۋەقەسى، دەپ ئاتالغان يۈەنخۇا دىلوسىنىڭ باش جاۋابكارى لەي چاڭشىڭ پات يېقىندا كانادا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى مۈمكىن.

كانادا ئاخبارات ئاگېنتلىقى جۈمە كۈنكى خەۋىرىدە كانادا دائىرىلىرىنىڭ لەي چاڭشىڭنى جۇڭگوغا ئېلىپ ماڭىدىغان ئايرۇپىلان بېلىتى ئېلىپ قويغانلىقىنى ۋە كىلەر جۈمە كۈنى خىتايغا قاراپ ئۇچىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇنىڭ ئالدىدا كانادا سوت مەھكىمىسى لەي چاڭشىڭغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلغان ۋە لەي چاڭشىڭ خىتايغا قايتىپ بارسا باج ئوغرىلاش، ئەتكەسچىلىك قىلىش ۋە پارا بېرىش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى، لېكىن ھاياتىغا خەۋپ يەتمەيدىغانلىقىنى قارار قىلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا لەي چاڭشىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن مەقسىدىگە يېتەلمىگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش مئۇمكىنچىلىكى بار. چۈنكى لەي چاڭشىڭ ۋە يۈەنخۇا دىلوسى بىلەن مەركەزدىكى جاڭ زېمىن تەرەپدارى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ چېتىشلىقى بار، دەپ قارالماقتا.

لەي چاڭشىڭ يۈەنخۇا دىلوسىدىكى ھەل قىلغۇچ شەخس. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جاڭ زېمىن گۇرۇھى خۇ جى؟تاۋ - ۋېن جياباۋ گۇرۇھىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتتىكى جاڭ زېمىن تەرەپدارلىرىنى تازىلىۋېتىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن لەي چاڭشىڭنى جايلىۋېتىشكە ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. (ئەركىن)