بېيجىڭ، رىمنىڭ يېڭى پاپاسى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلماقتا
2005.04.03
خىتاي ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى ۋاتىكاننىڭ رەھبىرى بولغان رىم پاپاسى جون پائۇل 2 نىڭ ئۆلۈمىگە ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئۇنىڭ ۋارىسى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىيۇجەنچاۋ باياناتىدا، "بىز رىم پاپاسى جون پائۇل 2 نىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز" دېگەن. ئۇ باياناتىدا يەنە "خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى خىل پىرىنسىپتا چىڭ تۇرغان ئاساستا ۋاتىكاننىڭ يېڭى رەھبىرى بىلەن مۇناسىۋىتىمىزنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىمىز" دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي بىلەن ۋاتىكاننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى يوق بولۇپ، خىتاي كومپارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ، ھەر خىل دىنلارنى باستۇرۇپ، چەتئەللىك دىن تارقاتقۇچىلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كىيىن، ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى 1951 - يىلى ئۈزۈلگەن. ۋاتىكان، خىتاينىڭ رەقىبى بولغان تەيۋەننى ئېتىراپ قىلىدۇ.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رىم پاپاسى جون پائۇل 2 نىڭ ئۆلۈم خەۋىرى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە بېرىلگىنى بىلەن، بىراق خىتاينىڭ مەتبۇئاتلىرىدا كۆپ تەكىتلەنمىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە خىتاي كاتولىكلىرىنىڭ دۆلەت يول قويغان چىركاۋلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويسىمۇ، بىراق كاتولىك مۇرىتلىرىنىڭ ۋاتىكان دىنىي جەمئىيىتىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى چەكلەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنداقلا يەر ئاستى چىركاۋلاردا دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان كاتولىك مۇرىتلىرىنى باستۇرۇپ، تۇتقۇن قىلىدۇ. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دىنىي سورۇنلارنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمىسىنى رەسمى يولغا قويىدۇ
- خىتاينىڭ يېڭى دىنىي بەلگىلىمىسى، دىنىي ئەركىنلىكنى تېخىمۇ بوغىشى مۇمكىن
- خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئىشلار ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلدى