خىتاي رىم پاپاسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا ۋەكىل ئەۋەتمىدى

رىم پاپاسى جون پائۇل 2 نىڭ دەپنە مۇراسىمى جۈمە كۈنى ۋاتىكان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئۇنىڭغا 200 دىن ئوشۇق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە دىنىي رەھبەرلەر قاتناشتى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ۋەكىل ئەۋەتمىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى رىم پاپاسىنىڭ ۋاپىتىغا بولغان قايغۇسىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى، شۇڭا ھازىرقى ئەھۋالغا ئاساسەن ۋاتىكانغا ۋەكىل ئەۋەتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئەسلى رىم پاپاسىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، لېكىن ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبىيەنگە ۋاتىكانغا كىرىش ۋىزىسى بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن، خىتاي بۇ پىلانىنى دەرھال ئۆزگەرتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 50 - يىللىرى خىتايدىكى چەتئەللىك دىن تارقاتقۇچىلارنى قوغلاپ چىقارغاندىن بۇيان، ۋاتىكان خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن ئىدى.

ئەنگلىيە ب ب س رادىئو-تېلېۋىزىيە شىركىتى خەۋىرىدە، رىم پاپاسىنىڭ ھايات چېغىدا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىزچىل خالاپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما خىتاي بولسا ۋاتىكانغا، تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ھەمدە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىقتەك ئىككى شەرتنى قويۇپ تۇرىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىچە ئەسلىگە كەلمىگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

جۈمە كۈنىدىكى دەپنە مۇراسىمدا جون پائۇل 2 نىڭ جەسىتى ۋاتىكاندىكى سېنت پېتېر چېركاۋىنىڭ ئاسىتىدىكى قەبرىگە كۆمۈلدى. شۇنداقلا بۇ كۈندە پۈتۈن دۇنيادىكى كاتولىك دىنى مۇرىتلىرى ئۇنىڭغا دۇئا قىلدى. (پەرىدە)