گېرمانىيىلىك كاردىنال راتزىنگېر رىم پاپالىقىغا سايلاندى

VATICAN_NEWPOPE_19.sized.jpg

رىم پاپاسى جون پائۇل 2 نىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ۋاتىكاندا توپلانغان كاردىناللار يىغىنى، گېرمانىيىلىك كاردىنال جوسىف راتزىنگىرنى ۋاتىكاننىڭ يېڭى پاپالىقىغا سايلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىغىچە كاتولىك دۇنياسىنىڭ مەنىۋى داھىلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. كاتولىك چىركاۋلىرىنىڭ دۇنيا بويىچە بىر مىليارد مۇخلىسى بار. راتزىنگىر، كاردىناللار يىغىنىنىڭ 2 - كۈنى پاپا جون پائۇلنىڭ ۋارىسى شۇنداقلا ۋاتىكان تارىخىدىكى 265 - پاپا بولۇپ سايلاندى. ئۇنىڭ پاپالىق ئىسمى پاپا بەنەدىت XVI دەپ ئاتالدى.

راتزىنگىر 1977 - يىلى رىم پاپاسى تەرىپىدىن رىم كاردىنالى قىلىپ تەيىنلەنگەن. ئۇ، گېرمانىيىدىن سايلانغان 8 - پاپا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل 78 ياشتىكى راتزىنگىر، 1981 - يىلى ۋاتىكانغا كېلىشنىڭ ئالدىدا گېرمانىيىدىكى ميۇنخىن رايونىنىڭ كاردىنالى ئىدى.

ئۇ، ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قوساقتىكى بالىنى قىردۇرۇش، ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇناسىۋىتى قاتارلىق تالاش - تارتىشتىكى مەسىلىلەردە، كاتولىك مەزھىبىنىڭ ئەنئەنىۋى دىنىي قارىشىدا چىڭ تۇرۇش بىلەن نام چىقارغان.

پاپا بەنەدىت XVI ۋاتىكان تارىخىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ پاپا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ۋاتىكان باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى پاپانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. (ئەركىن)