28 - نويابىر كۈنى، رىم پاپىسى بېنېدىكت 16 ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق تۈركىيە زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇ ئەنقەرەدە تۈركىيىنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن ئۇچراشتى ھەمدە سۆھبەتلەشتى.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋەرلەر تور بېتىدە بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، رىم پاپىسى بېنېدىكتنىڭ بۇ قېتىمقى تۈركىيە زىيارىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، تۈركىيىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار يۈز بەرگەن بولۇپ، خەلق رىم پاپاسىنىنىگ زىيارەت قىلىشىغا قارشلىق بىلدۈرگەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى نامايىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان ساقچىلارنى ئىشقا سالغان.
مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، رىم پاپىسى بېنېدىكت 16 - نىڭ بۇ قېتىمقى تۈركىيە زىيارىتىدە، ئامانلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن تۈركىيە ساقچىلىرىنىڭ ئۆزى 15 مىڭدىن ئاشقان. رىم پاپىسى بېنېدىكت 16 نىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇنىڭ بۇ قېتىم تۈركىيىنى زىيارەت قىلىشىدىكى مەقسەت ئوخشىمىغان دىن ۋە مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش ئىكەن.
لېكىن ئۇ بۇندىن ئىلگىرى، يەنى 9 - ئايدا قىلغان بىر قېتىملىق سۆزىدە، 14 - ئەسىردىكى رىم پادىشاھىنىڭ مۇھەممەت پەيغەمبەرنى تەنقىتلىگەن گېپىنى ئىشلەتكەنلىكتىن، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. ئۇ ئەينى چاغدا بۇ ھەقتە ئۆزى قىلغان سۆز ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، كەچۈرۈم سورىغان. (مېھرىبان)