رىم پاپاسى بېنېدىكت 16 تۈركىيىدىن دۇنيادىكى بارلىق دىنىي رەھبەرلەرنى دىننى باھانە قىلغان زوراۋانلىق ھەرىكەتنى رەت قىلىشقا چاقىرغان


2006.11.29

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رىم پاپاسى بېنېدىكت 16 تۆت كۈنلۈك تۈركىيە زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىلا، ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بېرىۋاتقان تۇقۇنۇشلارنىڭ جىمىقمايۋاتقانلىقىدىن غەم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا، ئۇ تۈركىيىدىن دۇنيادىكى بارلىق دىنىي رەھبەرلەرنى دىننى باھانە قىلغان ھەر قانداق زوراۋانلىق ھەرىكەتنى رەت قىلىشقا چاقىرغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، رىم پاپاسى بېنېدىكىت 16 ئەنقەرە ھۆكۆمىتىنىڭ دېپلوماتلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ھازىر داۋام قىلىۋاتقان تېررورچىلىق ۋە رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشلار كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك خەلقئارالىق تىنچلىقنى ساقلاش ھەرىكىتىگە مۇھتاج دەپ خىتاپ قىلغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.