ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رىم پاپاسى بېنېدىكت 16 تۆت كۈنلۈك تۈركىيە زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىلا، ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بېرىۋاتقان تۇقۇنۇشلارنىڭ جىمىقمايۋاتقانلىقىدىن غەم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا، ئۇ تۈركىيىدىن دۇنيادىكى بارلىق دىنىي رەھبەرلەرنى دىننى باھانە قىلغان ھەر قانداق زوراۋانلىق ھەرىكەتنى رەت قىلىشقا چاقىرغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، رىم پاپاسى بېنېدىكىت 16 ئەنقەرە ھۆكۆمىتىنىڭ دېپلوماتلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ھازىر داۋام قىلىۋاتقان تېررورچىلىق ۋە رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشلار كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك خەلقئارالىق تىنچلىقنى ساقلاش ھەرىكىتىگە مۇھتاج دەپ خىتاپ قىلغان. (ۋەلى)