ۋاتىكان: پاپانىڭ ئىسلامنى چۈشۈرۈش غەرىزى يوق

رىم ۋاتىكانى جۈمە كۈنى پاپا 16 - بەنەدىكنىڭ ئىسلام دىنىدىكى جىھاد توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرىگە ئىزھات بېرىپ، پاپانىڭ جىھاد ھەققىدىكى سۆزلەرنى ئىسلام دىنىنى چۈشۈرۈش غەرىزىدە ئېيتمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پاپا 16- بەنەدىك گېرمانىيىدە سۆزلىگەن بىر نۇتۇقىدا ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ 14 - ئەسىردىكى ئىمپىراتورى مانۇئېل 2- پالېلوگوسنىڭ جىھاد ھەققىدىكى ھەزرىتى مۇھەممەت بۇ دۇنياغا " ئېتىقادنى قىلىچ بىلەن كېڭەيتىشتەك ئەسكىلىك ۋە غەيرى ئىنسانى نەرسىلەر" نى ئېلىپ كەلدى، دېگەن سۆزىنى مىسال قىلىپ ئالغان. بۇ سۆزلەر ئىسلام ئۆلۈمالىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالى بارداقچى، پاپانىڭ ئۆزۈر تىلىشىنى تەلەپ قىلغان. پاكىستان دۆلەت مەجلىسىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى پاپانى تەنقىدلەيدىغان قارار ماقۇللىدى. ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتى، " ۋاتىكان، ئىسلامىيەت ۋە ئۇنىڭ قائىدە - قانۇنلىرىغا تۇتۇدىغان پوزىتسىيىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك " دەپ بايانات ئېلان قىلغان. لېكىن ۋاتىكان باياناتچىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پاپا بۇ يەردە دىنىي تۈس ئالغان زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان.

پاپانىڭ مۇسۇلمانلارنى رەنجىتىش مەقسىدى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن ۋاتىكان باياناتچىسى فېدىرىكو لومباردى، "پاپا بۇ يەردە جىھاد ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ جىھاد توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىگە باھا بەرمەكچى ياكى مۇسۇلمانلارنى رەنجىتمەكچى ئەمەس "دەيدۇ. (ئەركىن)