خىتاي قىسقۇچ پاقىسى ئەنگلىيە دەريالىرىغا تەھدىت بولماقتا


2006.02.08

خىتايدا بولىدىغان بىر خىل قىسقۇچ پاقا ئەنگلىيىنىڭ دەريا ئېقىنلىرىغا زور تۈركۈمدە تارىلىپ، بۇ دەريالاردىكى قوغدىلىدىغان يەرلىك سۇ جانىۋارلىرىغا چوڭ تەھدىت بولماقتا.

ئەنگلىيىدىكى نيۇكاسىل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چىقارغان بىر تەتقىقات دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتايدا بولىدىغان بۇ خىل قىسقۇچ پاقىلار ئەنگلىيە دېڭىزىدىكى قوغدىلىدىغان جانىۋارلارنى ئوزۇقلۇق قىلىۋالغان. مەزكۇر دوكلاتتا، ئەگەر بۇ قىسقۇچ پاقىلارنىڭ سانى دەرھال كونترول قىلىنمىسا، بۇنىڭ ئېغىر مۇھىت مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇ خىل قىسقۇچ پاقىلار دەسلەپ 1970‏- يىللىرى دېڭىز يولى ئارقىلىق خىتايدىن ياۋروپا ۋە ئەنگلىيە تېررىتورىيىسىگە كىرگەن بولۇپ، بۇلار ئاساسلىقى يۈك پاراخوتلىرى بىلەن بۇ يەرلەرگە كېلىپ قالغان ھەمدە كېيىن تېز كۆپىيىشچانلىقى بىلەن بۇ رايونلارنىڭ دەريا-ئېقىنلىرىغا كەڭ تارالغان.

تەتقىقات دوكلاتىغا قارىغاندا، بۇ خىل قىسقۇچ پاقىلار دەريا ياقىلىرىدا تۆشۈك كولاپ شۇ يەردە ياشاشنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، بۇ ئەھۋال دەريا قىرغاقلىرىنىڭ مۇھىتىغا ئېغىر زىيان سالغان. خىتايلار "يۇڭلۇق قىسقۇچ پاقا" دەپ ئاتايدىغان بۇ خىل قىسقۇچ پاقىلار ھازىر ئەنگلىيىدىكى تايمىس دەرياسى، خامبۇر دەرياسى ۋە تايىن دەرياسى قاتارلىق چوڭ دەريالارغىچە تارالغان. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.