ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىشىگە قارشىلىق بىلدۈردى


2004.12.08

ياپونىيە ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ دېڭىز-ئوكيان تەكشۈرۈش پاراخوتىنىڭ ياپونىيىگە قاراشلىق ئىقتىسادىي دېڭىز رايونىغا كىرىشىگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشنى دەرھال توختىتىشىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە ئىچكى كابېنتىنىڭ باش سېكرىتارى خىرويۇكى خوسادا بۇ ھەقتە، "بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر بىلەن ئەمدى قايتا شوغۇللانماسلىقىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمىز. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن مەن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم" دەپ بىلدۈردى.

ياپونىيىنىڭ ئىقتىسادىي دېڭىز رايونىغا كىرگەن بۇ پاراخوت، خىتاينىڭ " پەن-تېخنىكا 1 - نومۇر" ناملىق چارلاش پاراخوتى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ياپونىيە دېڭىز رايونىغا كىرىش ۋەقەسى 21 قېتىم يۈز بەردى.

خىتاي پاراخوتى ياپونىيىنىڭ ئوكىنوتورىشىما ئارىلىدىن 300 كىلومېتىر يىراقلىقتا پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارالنىڭ پەقەت بىر قورام تاش ھېسابلىنىپ، بۇنى ياپونىيىنىڭ ئىقتىسادىي دېڭىز رايونىغا تەۋە دەپ بېكىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.(پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.