پۇتىن: سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى دۇنيا سىياسى جۇغراپىيىسىدىكى زور پالاكەت


2005.04.25

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن دۈشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ھەققىدە تېلېۋىزور نۇتقى سۆزلەپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1991 - يىلدىكى پارچىلىنىشىنى "20 - ئەسىر دۇنيا سىياسى جۇغراپىيىسىدىكى زور پالاكەت،" دەپ كۆرسەتتى.

پۇتىننىڭ تەكىتلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تارقىلىشى نەچچە مىليون رۇسنىڭ ياققا - يۇرتلاردا قېلىشىغا يول ئاچقان. ئەمما رۇسىيە پرېزىدېنتى، رۇسىيە دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقى رىقابەت تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دۆلەتنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، مەتبۇئات ئەركىنلىكى ھەققىدە توختالغان، ئەمما رۇسىيىنىڭ دېموكراتىيە ئىسلاھات قەدىمىنى ئۆزى تاللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. پۇتىن ئىقتىسادى مەسىلىلەر ھەققىدە " ھازىر خەلق تۇرمۇشىدىكى ھالقىلىق ساھەلەرنى دۆلەت كونترول قىلىش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋاقتى كەلدى." دېگەن.

يېلىتسىن دەۋرىدىن كېيىن ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيىدە ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىشكە باشلىغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس ئۆتكەن ھەپتە موكسۋانى زىيارەت قىلغاندا، رۇسىيە دېموكراتىيىسىنىڭ ئىستىقبالىدىن قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما پۇتىن، دۈشەنبە كۈنكى نۇتۇقىدا " رۇسىيە دېموكراتىيىسى رۇسىيىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، رۇسىيىدە " قانۇنسىز كۈرەش ئۇسۇللىرى" نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا يول قويمايدۇ، دېدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋلادىمىر پۇتىن بۇ يەردە گروزىيە، ئۇكرائىنىيە ۋە قىرغىزىستاندىكى تىنچ سىياسى ئۆگۈرۈشلەرنى كۆزدە تۇتقان. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار، پرېزىدېنت پۇتىننى مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىش شۇنداقلا مۇستەبىتلىككە ئېغىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.