ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە نۇتۇق سۆزلىدى


2007.05.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارگارېت بېكېت، خىتاي مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ سىياسىي ۋە قانۇن ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىشىنى تەشەببۇس قىلدى.

بېكېت خانىم، خىتاينىڭ ئالى دەرىجىلىك دۆلەت خادىملىرىغا": سىياسىي ۋە قانۇن ساھەسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات، جۇڭگونىڭ مۇقىملىقىغا بىۋاستە ياردەم بېرىدىغان مۇھىم ئامىل " دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا 1980 ‏- يىللىرى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ، 20 يىلدىن كېيىن زور ئۆزگۈرۈشلەر مەيدانغا كەلگەن، ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بايلار بىلەن كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقمۇ كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىشكە باشلىغان. شۇنىڭدەك يەنە ئەدىلىيە سېستىمىسى بىلەن قانۇن، جەمئىيەت ھەمدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ قەدىمىگە ماسلىشالماسلىقتەك ئەھۋاللار مەيدانغا كەلگەن.

بېكېت خانىم سۆزىدە يەنە": جوڭگۇ سۆز ئەركىنلىكىگە ۋە مۇستەقىل ئەدىلىيە سېستىمىسىغا مۇھتاج ، ھەرقانداق ساغلام ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئۈستىدىن مۇخبىرلار ۋە كىشىلەر ئەركىن مەسىلە كۆرسىتەلىسە، بۇ سەۋەبلىك ئۆچ ئېلىشقا ئۇچرىمىسا ، قانۇن مۇستەقىل ۋە ھەقىقى ھۆكۈم چىقىرالىسا، خەلقنىڭ نارازلىق ھەركەتلىرى ئازىيىدۇ" دېدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى، بېكېت خانىمنىڭ مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە سۆزلىگەن نۇتۇقى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئەمما ئۇنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي ۋە قانۇن ئىسلاھاتى ھەققىدىكى تەشەببۇسىنىڭ مەزمۇنى تىلغا ئالمىغان. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.