ئامېرىكا، كانادا، ياۋرۇپا ۋە باشقا جايلاردىن كەلگەن نەچچە مىڭلىغان كىشىلەر دۈشەنبە كۈنى نيو يوركتا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، بەش مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھەر خىل شەكىل بىلەن خىتاي كومپارتىيىسىدىن چېكىنىشىنى قوللىدى.
ئەركىن ئاسىيا رادىئويىمىز مۇخبىرىنىڭ نيو-يوركتىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، چەتئەلدىكى ئۇلۇغ ئېرا گېزىتى ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە "كوممۇنىستىك پارتىيىگە 9 باھا" نى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، مەزكۇر گېزىتنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، تور بېتىدە پارتىيىدىن چېكىنىگەنلىكىنى ئېلان قىلغانلارنىڭ سانى بەش مىليوندىن ئاشقان.
پۈتۈن دۇنيا كومپارتىيىدىن چېكىنىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى لى دايۇڭ يىغىلىشتا، ئۇلارنىڭ خوڭكوڭ، سىنگاپور، خىيۇستون، تورونتو، مونتىرىيال قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت ۋە شەھەرلەردە كومپارتىيىدىن چېكىنىشنى قوللاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
نيو-يورك شىتاتىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى مىشەل مەكنالتى ۋە خانىمىمۇ يىغىلىشقا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. (ئارزۇ)