شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتى 9 - سېنتەبىردىكى چوڭ پارتلاش ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بەردى
2004.09.13
شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتى 9 - سېنتەبىر كۈنى شىمالىي كورىيىدە يۈز بەرگەن چوڭ پارتلاشنى، سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تاغ پارتلىتىش دەپ بىلدۈردى.
شىمالىي كورىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېك نامسان (Paek Nam Sun) دۈشەنبە كۈنى پىيوڭياڭغا زىيارەتكە كەلگەن ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي كورىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىل راممەل (Bill Rammel) نىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۆتكەن پەيشەنبە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى ھەققىدە يۇقىرىقىدەك چۈشەندۈرۈش بەرگەن.
شىمالىي كورىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى چېگرا رايون ئەتراپىدا ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى دەھشەتلىك پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ھەمدە ئاسمانغا موگوسىمان ئىس تۈتەك كۆتۈرۈلگەن ئىدى.
چەتئەلدىكى بىر قىسىم مەتبۇئاتلار پارتلاش دەرىجىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھەمدە پارتلاش يۈز بەرگەن ئورۇننىڭ شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسىغا يېقىنلىقىنى بىلدۈرۈپ، شىمالىي كورىيىنىڭ ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىدىن گۇمان قىلماقتا. بىراق ئەنگلىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىمالىي كورىيە بۇنى رەت قىلغان. (ئارزۇ)