ئىراقتا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 47 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى


2004.09.14

ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا چوڭ پارتلاش يۈز بېرىپ، 47 ئادەم قازا قىلغان، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. سەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن مەزكۈر پارتلاش ۋەقەسى سەۋەبىدىن، باغدات شەھەر خەلقى ساراسىمگە چۆمگەن .

ئىراق دائىرىلىرى، ئۆلگۈچىلەر سانىنىڭ يەنە ئارتىدىغانلىقىنى،پارتلاش يۈز بەرگەن ھايفا كوچىسىدا تېخى ئۆتكەن ھەپتىدىلا 15 ئادەمنىڭ توقۇنۇشتا ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى .

بۇنىڭدىن سىرت، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى قوراللىق كۈچلەر، ئىراق يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ساقچى ۋە ئارمىيە ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلارغىمۇ ھۇجۇم قىلىپ، 12 نەپەر ساقچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن،ئىككى ساقچىنى ئېغىر يارلاندۇرغان.

ئىراقتىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى قوراللىق كۈچلەر، ئېراق يېڭى ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسىگە قارشى ھۇجۇم ھەركىتىنى داۋملاشتۇرماقتا. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.