مىسىردىكى ئىسرائىلىيە ساياھەتچىلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇمدا 27 ئادەم ئۆلدى
2004.10.08
مىسىرنىڭ قىزىل دېڭىز بويىدىكى ساياھەت شەھىرى تابا بىلەن تابا ئەتراپىدىكى ئىككى ساياھەت ئورنىدا پەيشەنبە كۈنى كېچىسى بومبا پارتلاپ، ئاز دېگەندە 27 ئادەم ئۆلدى. ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسىمى ئىسرائىلىيەلىكلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ 25 نەپىرى تابادىكى خىلتون مىھمانخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان. ۋەقەدە 120 دەك كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىندى. ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى، ۋەقە ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. پارتلاشنىڭ كۈچى مىھمانخانىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلغان.ئىسرائىلىيە قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئىسرائىلىيە - مىسىر چېگرىسىدىن ئۆتۈپ تابادىكى خىلتون مىھمانخانىسىغا باردى.
پارتلاشنىڭ قالغان ئىككىسى تابا ئەتراپىدىكى نۇۋايبا ۋە راس ئەل سۇلتان دىگەن جايلاردا يۈز بەرگەن بولۇپ، نۇۋايبادىكى پارتلاش ۋەقەسىدە ئىككى ئىسرائىلىيىلىك ساياھەتچى ئۆلگەن. مىسىرنىڭ ئىسرائىلىيە چېگرىسىدىكى تابا رايۇنى ئاساسلىقى ئىسرائىلىيىلىكلەرنىڭ دەم ئالىدىغان ساياھەت ئورنى ئىدى. ۋەقەدىن كېيىن مىسىرنىڭ سىناي ئارىلىدا ساياھەت قىلىۋاتقان نەچچە مىڭ ئىسرائىلىيىلىك دۆلىتىگە قايتتى. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل 9 - ئايدا پۇقرالارنى مەزكۇر رايۇنغا ساياھەت قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان. ئىسرائىلىيە مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، ۋەقەنىڭ ئەل قايدە ۋە ياكى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىرەر تەشكىلات تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇش ئىھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پەلەستىن رادىكال ئىسلام تەشكىلاتى خاماس ۋەقە بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىغىنى جاكارلىغان. ۋەقە يۈز بەرگەن كۈن يەھۇدىلار سۇككوت بايرىمىنىڭ ئاخىرقى كېچىسىگە توغرا كەلدى. (ئەركىن)