ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى كونسۇلخانىسى قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

دۈشەنبە كۈنى قوراللىق مىلىتانتلار ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇم جەريانىدا مىلىتانتلار بىلەن كونسۇلخانا ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا چىققان توقۇنۇشلاردا 7 كىشى ئۆلگەن ۋە نەچچىلىگەن كىشى يارىلانغان. توقۇنۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ ئۈچى مىلىتانتلار ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مىلىتانتلار ئاۋال ناھايىتى ياخشى قوغدىلىۋاتقان كونسۇلخانىنىڭ دەرۋازىسىغا پارتلاش دورىلىرى ئاتقان، ئاندىن بىناغا باستۇرۇپ كىرىپ، بىر قىسىم كىشىلەرگە قورال تەڭلەپ ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرغان.

لېكىن، مىلىتانتلار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا ئۈچ سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان توقۇنۇشتا، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ ئۈچى ئۆلگەن، بىرى يارىلانغان ۋە بىر ھۇجۇم قىلغۇچى تىرىك قولغا چۈشكەن بولۇپ، مىلىتانتلارغا كونسۇلخانا خادىملىرىنى گۆرۈگە ئېلىش پۇرسىتى بېرىلمىگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، توقۇنۇشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ تۆتىنىڭ سەئۇدى بىخەتەرلىك خادىمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىلىتانتلارنىڭ ھۇجۇمى جەريانىدا جىددە كونسۇلخانىسىنىڭ ئىككى يەرلىك خىزمەتچىسى يارىلانغان. ئەمما ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كونسۇلخانىنىڭ پۈتۈن ئامېرىكىلىق خىزمەتچىلىرى ساق سالامەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى مىلىتانتلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنمىغان. (قانات)