باغداتتىكى پارتلاشتا 13 كىشى قازا قىلدى
2004.12.13
ئىراقنىڭ سابىق پرېزىدېنتى سادام ھۈسەيىننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىغا بىر يىل توشقان كۈنى، دۈشەنبە ئىراق پايتەختى باغداتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش يۈز بېرىپ 13 كىشىنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەل-قائىدە تەشكىلاتىغا چېتىشلىغى بار بىر كىشى ھەيدىگەن ماشىنا، دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ باغداتتىكى ئەلچىخانىسى ۋە ۋاقىتلىق ئىراق ھۆكۈمىتى جايلاشقان يېشىل رايوننىڭ تەكشۈرۈش پونكىتىغا بۆسۈپ كىرگەندە پارتلىغان ھەمدە نەق مەيداندا 13 كىشى ئۆلۈپ 15ئى يارىلانغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سادام ھۈسەيىن ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن بۇيان، سادامنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىراقتا تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، 2003 - يىلى 3 -ئايدىن ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىراقتا قازا قىلغان ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ سانى 1300 گە يەتتى.
ئىراق ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ پرېزىدېنتى غازى ئەل ياۋېر دۈشەنبە كۈنى ب ب س رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا باشچىلىغىدىكى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ سادام ھۈسەيىننى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندا، ئىراق ئارمىيىسىنى قورالسىزلاندۇرىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.(پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ش ئا ئو ئە ت (NATO) ئىراقتىكى خادىملىرىنى كۆپەيتىشكە قوشۇلدى
- ئىراق پرېزىدېنتى سايلامنى كېچىكتۈرۈشنى رەت قىلدى
- باغداتتىكى پارتلاش ۋەقەلىرىدە 26 ئادەم ئۆلدى
- ئىراقتىكى قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن، سايلام ئۆتكۈزۈش قىيىنغا توختىشى مۇمكىن
- ئىراقتا يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا يەنە ئون كىشى ئۆلدى
- ئىراق ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى سايلامنى كېچىكتۈرۈشنى رەت قىلدى
- ئىراق ئومومىي خەلق سايلىمى 30 - يانۋار كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ
- ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى موسۇلدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرگە ھۇجۇم قىلدى
- فالۇجادىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى شىددەتلىك ھوجۇمغا ئۇچرىدى
- ئامېرىكا ۋە ئىراق ئارمىيىسى فاللۇجانىڭ مەركىزىگىچە ھۇجۇم قىلىپ كىردى