ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايرۇپىلانى چارشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ ئىئوردانىيە بىلەن تۇتىشىدىغان چېگرا رايونىغا يېقىن جايدا يەرگە چۈشۈپ كېتىپ، ئايرۇپىلاندىكى 31 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ھەممىسى قازا تاپقان. بۇ ئامېرىكا ئارمىيىسى 2003 - يىلى 3 - ئايدا ئىراققا ھۇجۇم باشلىغاندىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ خادىمىنى يوقاتقان بىر قېتىملىق ۋەقە ھېسابلىنىدۇ.
پېنتاگون يەنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىغا قاراشلىق بۇ تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ، ھاۋا كېلىماتى سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىپ، ھازىرغىچە بۇنىڭ دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئالامەت بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىككىنچى قارار پرېزىدېنتلىقىنى ئەمدىلا باشلىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇش چارشەنبە كۈنى ئاق سارايدا، ۋەقەدە قازا قىلغانلارغا قايغۇسىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ دۇنياغا ئەركىنلىكنى تارقىتىش يولىدا قۇربان بولغان قەھرىمانلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
1 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىكى ئىراق چوڭ سايلىمىنىڭ ئالدىدا، ئىراقتىكى قارشى كۈچلەر ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك ھۇجۇملار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.(پەرىدە)
