ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندا يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا نۇرغۇن كىشى ئۆلدى ۋە يارىلاندى

پەيشەنبە كۈنى ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندىكى ئۈچ يەر ئاستى پويىز ئىستانسىسى ۋە بىر ئاپتوبۇستا يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا نۇرغۇن كىشى ئۆلگەن ۋە يارىلانغان. لوندون ۋاقتى پەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت سەككىزگىچە ئۆلگەنلەرنىڭ قىرىقتىن، يارىلانغانلار 700 دىن ئاشقان.

سەھەردە كىشىلەرنىڭ ئىشقا مېڭىش ۋاقتىدا يۈز بەرگەن بۇ پارتلاش، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن لوندون شەھىرىدە يۈز بەرگەن تەسىر كۈچى ئەڭ چوڭ بولغان پارتلاش ئىكەن. بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن يەنى چارشەنبە كۈن ئەنگىلىيە خەلقى، لوندون شەھىرىنىڭ 2012- يىلىدىكى ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىغا ساھىپخانلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە مۇراسىملار بىلەن قۇتلۇقلىغان ئىدى.

سەككىزلەر گۇرۇھى دەپ ئاتالغان، دۇنيادىكى سانائەتلەشكەن سەككىز دۆلەت رەھبىرىنىڭ شوتلاندىيىدىكى ئالىي دەرىجىلىك يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونى بلەيىر، لوندوندىكى پارتلاشلارنى ۋەھشىيانە بىر ھۇجۇم دەپ تەبىرلىدى.

تونى بلەيىر مۇنداق دېدى: "بۇ ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغانلار ئۈچۈن ئىنسان ھاياتىنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق. بۇ ھۇجۇم پەقەت بىر دۆلەتكىلا ئەمەس، پۈتۈن دۆلەتلەرگە ۋە پۈتۈن مەدەنىيەتپەرۋەر خەلقلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇم ھېسابلىنىدۇ. بىز تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى مەغلۇب قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز".

لوندوندىكى پارتلاشلار پۈتۈن دۇنيادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. پۈتۈن دۇنيا رەھبەرلىرى بۇ پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلارنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

دۇنيادىكى سانائەتلەشكەن سەككىز دۆلەت رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، لوندوندىكى پارتلاشلار ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، "تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتىدۇ. مەن بۇ زالدىكى پۈتۈن رەھبەرلەرنىڭ تېررورچىلارغا بويۇن ئەگمەسلىكتەك ئىرادىسىدىن تەسىرلەندىم"، دېدى.

يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ، لوندوندىكى ھۇجۇملارغا لەنەت ئوقۇپ، بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلارنى تېپىپ، ئۇلارنى ئادالەتكە تەسلىم قىلىشتا ئەنگىلىيە بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (قانات)