داغىستاندا پويىز پارتلىدى


2005.08.28

يەكشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ داغىستان جۇمھۇرىيىتىدە بىر پويىز پارتلاپ، ۋاگونلار رېلىستىن چىقىپ كەتكەن.

ببس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا ۋە داغىستاننىڭ پايتەختى ماخاچقالا شەھىرىدە ئېتىشىشلار يۈز بېرىپ، ساقچى خادىملىرى يارىلانغان.

پارتلاشقا ئۇچرىغان پويىز پاسساجىرلار پويىزى بولۇپ، ئۇنىڭدا تەخمىنەن 400دىن 500 غىچە ئادەم بارلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس.

داغىستان چېچىنىيىگە قوشنا بولۇپ، بۇ يەردە قۇمۇق، لېزگىن، ئاۋار قاتارلىق تۈركىي ۋە كاۋكاز تىللىرى ئائىلىسىگە مەنسۇپ 30 نەچچە مۇسۇلمان مىللەت ياشايدىغان مۇرەككەپ بىر جۇمھۇرىيەتتۇر.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەزكۇر جۇمھۇرىيەتتە ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش، ئىستراتېگىيىلىك نۇقتىلارنى پارتلىتىش ۋەقەلىرى كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە. ھەتتا بۇ يىل ماي ئېيىدا داغىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي سىياسەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

رۇسىيە ھۆكۈمىتى داغىستاننىڭمۇ خۇددى چېچىنىيىدەك مۇستەقىللىق تەرەپدارلىقىدىكى جۇمھۇرىيەتكە ئايلىنىپ، ئومۇمىي يۈزلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.