ئىئوردانىيىدىكى پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە خىتاي پۇقرالىرىمۇ بار


2005.11.10

ئەل - قايدە تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى ئېنتېرنېتتە بايانات ئېلان قىلىپ، چارشەنبە كۈنى ئىئوردانىيىنىڭ پايتەختى ئاممان شەھىرىدە يۈز بەرگەن بىر يۈرۈش ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ۋەقەلىرىنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

چارشەنبە كۈنى ئامماندىكى غەرب مېھمانخانىلىرىدا ئۈچ قېتىم ئارقا- ئارقىدىن پاتلاش يۈز بېرىپ، كەم دىگەندە 56 ئادەم ئۆلگەن . يۈزدىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان ئىدى.

ئىسلام پىدائىيلىرىنىڭ بىر تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتتا، ئىئوردانىيىنىڭ ھوجۇم نىشانى قىلىنىشىنىڭ سەۋەبىنى " ئۇلار بارغانسىرى ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرى يەھودىيلار ۋە خىرىستىيان دىنىي تەرىقەتچىلىرىنىڭ ئارقا ھويلىسىغا ئايلاندى" دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ بايانات ئەل- زەرقايى يىتەكچىلىكىدىكى ئىراقتىكى ئەل- قايدە تەشكىلاتىنىڭ نامى بىلەن ئېلان قىلىنغان.

ھازىرچە بۇ باياناتنىڭ راست- يالغانلىقى ئىسپاتلانمىدى. بىراق ئىئوردانىيىدىكى ئاخبارات دائىرىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ ھۇجۇملارنىڭ شەكلى ئەل- قايدىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئۇسلۇبىغا ئوخشايدىكەن.

ئىئوردانىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چارشەنبە كۈنى ئامماندىكى بىر يۈرۈش پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر ئىچىدە خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۈچ نەپەر خادىمىمۇ بار. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.