ئىستانبۇلدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە جايلاشقان ساقچى ئىدارىسىنىڭ يېنىدىكى بىر ئىنتېرنىت چايخانىسىدا بىر بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسدە 16 كىشى يارىلانغان بولۇپ، يارىلانغانلار ئارىسىدا 6 ساقچىمۇ بار ئىكەن.

9 ‏- فېۋرال كۈنى بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پارتلاشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈردىستان ئازاتلىق ھەرىكىتى ئىسىملىك بىر كۈرد تەشكىلاتى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

پارتلاش يۈز بەرگەن مەزكۈر ئېنتېرنىت چايخانىسى، تۈركىيىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ ئىستانبۇلدىكى مەركىزىنىڭ يېنىدا بولغاچقا، بۇ ئېنتېرنىت چايخانىسى ساقچىلارنىڭ ئۇچرىشىش مەركىزىگە ئايلىنىپ قالغان ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىندىن بېرى تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بولۇپمۇ ئىستانبۇل شەھىرىدە، رادىكال ئىسلامى گۇرۇپپىلار، كۈرد تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە رادىكال سولچى گۇرۇپپلىرى پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە.

2003‏- يىلى نويابىر ئىيىدا يەنە ئىستانبۇل شەھىرىدە، ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان رادىكال ئىسلامى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملاردا 60 كىشى ئۆلگەن ئىدى. (ئەقىدە)