ھىندىستاننىڭ مونباي شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 160 كىشى ئۆلدى

ھىندىستاننىڭ مومباي شەھىرىدە سەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا ئازدېگەندە 160 كىشى ئۆلگەن ۋە 200 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. مومباي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاشلار يولۇچىلار پويىزىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، مومباي مەركىزى تۆمۈر يولىدا قاتناشنىڭ توختاپ قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان.

ھىندىستاننىڭ سودا ۋە تىجارەت مەركىزى ھېسابلانغان 18 مىليون ئاھالە ياشايدىغان بومباي شەھىرىدە، ئۆتمۈشتىمۇ بىر نەچچە قېتىم پارتلاشلار يۈز بەرگەن ئىدى. 1993‏- يىلى يۈز بەرگەن پارتلاشتا 250 كىشى ئۆلگەن 1000 ئەتراپىدا ئادەم يارىلانغان.

دۇنيا جامائەتچىلىكى مومباي شەھىرىدىكى يولۇچىلار پويىزىدا ئېلىپ بېرىلغان پارتلىتىش ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەگەر ھىندىستان تەلەپ قىلسا، ھەرقانداق ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق تەشكىلات ۋە گۇرۇھ مومباي شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى. ئەمما ھىندىستان ساقچى دائىرىلىرى ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن پارتلاشلار ئۈچۈن ئاساسەن كەشمىردىكى مۇسۇلمان پارتىزانلارنى ئەيىبلىگەن ئىدى. (قانات)