ھىندىستاندىن پاكىستانغا كېتىۋاتقان پويىز پارتلاپ 60 نەچچە كىشى ئۆلدى

يەكشەنبە كۈنى ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدىن پاكىستاننىڭ لاھور شەھىرىگە كېتىۋاتقان بىر پويىزدا يۈز بەرگەن بىر قاتار پارتلاشلاردا ئاز دېگەندە 66 كىشى ئۆلگەن.

ھىندىستان تۆمۈر يول قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لالۇ پراساد دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ پارتلىتىشنى ئېلىپ بارغانلارنىڭ مەقسىتى پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىنچلىق سۆھبىتىنى توختىتىش، دېدى. پاراسادنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئاساسلىق قىسىمى پاكىستانلىقلار ئىكەن.

ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار پويىزنىڭ ساق قالغان ۋاگونلىرىنىڭ بىرىدىن ئىككى سومكىغا قاچىلانغان تېخى پارتلىمىغان بومبىلارنى تاپقان.

ھىندىئىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى راجىندەر پراساد، بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئېلىپ بارغانلار كەشمىر مىلىتانتلىرى ياكى ئەسەبى ھىندۇ تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى بولۇشى مۇمكىن، دېدى.

پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ، بۇ تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ پاكىستان بىلەن ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزمەسىلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، بىز ئەسەبىي گۇرۇپپىلارنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويمايمىز، دېدى. (قانات)