بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمۇن بۈگۈن ئالجىرىيىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئالجىرىيىدە يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەر ئىچىدە ب د ت خادىمى 11 نەپەر.
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، بان كىمۇن ئەپەندى بۇ ۋەقەگە بولغان ھېسسىياتىنى 'غەزەپنى بېسىش قېيىن ' دېگەن سۆز بىلەن تەسۋىرلىگەن.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات -پىلانلاش مەھكىمىسى بىلەن مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئالجىرىيىدىكى ئىشخانىسى بار بىنانىڭ ئالدىدا كەينى-كەينىدىن ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەن ئىدى. ئالجىرىيە گېزىتلىرىنىڭ قۇتقۇزۇش-داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ۋەقەدە 72 ئادەم ئۆلگەن، 177 ئادەم يارىلانغان. ئالجىرىيىدە قولغا ئېلىنغان بىر رادىكال پائالىيەتچىنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، بۇ ۋەقەنى 'سالافىستچىلار' دەپ ئاتىلىدىغان دىن ھەققىدە ۋەز ئېيتقۇچى ۋە جەڭ قىلغۇچى تەشكىلات بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن پىلانلاشقا باشلىغان ئىكەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئالجىرىيىدە ئەل-قائىدىچىلەر پەيدا قىلغان بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئاپتوموبىل بىلەن پارتلىتىش ۋەقەسىدە خىتاي ئىشچىلىرىدىن بىرى ئۆلگەن 7 كىشى يارىلانغان. ھازىر ئالجىرىيىدە خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ 10 مىڭ ئىشچىسى بار. (ۋەلى)