ئامېرىكا، خىتايدىن ساختا مال ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلدى
2005.01.09
ئامېرىكىنىڭ سودا مىنىستىرى دون ئىۋانىس يەكشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتايدىكى ئەقلىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى ئوغرىلىغان ساختا مال ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى قاتتىق جازالىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئۇ خىتايغا قىلىدىغان سەپىرىنىڭ ھارپىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، "خىتاي ھۆكۈمىتى كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولىۋاتقان ساختا مال ياساش جىنايەتلىرىنى باستۇرۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، بۇ خىل جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلارنى تۈرمىگە تاشلاشقا باشلىشى كېرەك" دىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقارغان مۇزىكا، كىنو فىلىملىرىدىن تارتىپ، تۇغۇت چەكلەش دورىسىغىچە بولغان ھەر خىل ماللىرىنىڭ پاتېنتىنى ئوغرىلاپ، ھەر يىلى ئامېرىكا شىركەتلىرىنى نەچچە مىليارد دوللارلىق زىيانغا ئۇچراتماقتا. خىتاي دائىرىلىرى گەرچە ئەقلىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ پاتنېنت ھوقوقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا پەقەت ئاز مىقتاردا جەرىمانە قويىدۇ.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرى دون ئىۋانىس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە قوللانغان ئەقلىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى قوغداش ھەققىدىكى تەدبىرلىرىنىڭ يىتەرلىك ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ كىلەر ھەپتە خىتايدىكى زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي رەھبەرلىرىگە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.(ئارزۇ)