ئامېرىكا ئورگانلىرى ھۆكۈمەتتىن خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلمىشلىرىغا تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى
2005.02.10
ئامېرىكىدىكى مۇزىكا، كىنوچىلىق ۋە كومپيۇتېر يۇمشاق دىتاللىرى سانائىتى بىرلىشىپ، تۈنجى قېتىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا، خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلمىشلىرى ئۈستىدىن قانۇنىي تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.
خەلقئارا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى بىرلەشمىسى بۇ ھەقتە چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سودا ۋەكىللىرى ئىشخانىسىغا رەسمىي مەكتۈپ سۇنغان.
رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى مۇزىكا، كىنوچىلىق ۋە كومپىيۇتېر يۇمشاق دىتاللىرى سانائىتى، خىتايدا كەڭ تارقالغان ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلمىشلار سەۋەبىدىن، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلىلا ئىككى يېرىم مىليارد دوللار زىيانغا ئۇچرىدى، دەپ قارايدىكەن.
خەلقئارا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى بىرلەشمىسى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسىگە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىش كېرەكلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار دائىرىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، خىتايدا سېتىلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ ناخشا- مۇزىكا، كىنو دېسكىلىرى ۋە كومپيۇتېر يۇمشاق دىتاللىرىنىڭ 90٪ ئى قانۇنغا خىلاپ ھالدا كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان بۇيۇملار ئىكەن. (ئارزۇ)