ئامېرىكا خىتايدىكى قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىش مەسىلىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى
2005.03.31
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى يىللىق سودا دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلالمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى ئېلان قىلغان 672 بەتلىك مەزكۇر دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئىختىلاپلىرى كۆرۈنەرلىك ھالدا كۈچەيگەن. بولۇپمۇ خىتايدا قانۇنسىز كۆچۈرۈپ- تارقىتىش ۋە پاتېنت ھوقۇقىنى ئوغرىلاش قاتارلىق مەسىلىلەر ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ كىنوچىلىق، كومپيۇتېر يۇمشاق دىتاللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، كىيىم- كېچەك ۋە باشقا ساھەلىرىگە زور زىيان ئېلىپ كەلگەن.
دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا تەرەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2001 - يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندە، بازىرىنى ئېچىۋېتىش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە ئامېرىكا ماللىرىنىڭ ئېكىسپورت قىلىنىشىغا توسالغۇ بولىۋاتقان بارلىق ئامىللارنى يوقىتىش نىيىتىنى ئىپادىلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئەيىپلەشلىرىنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىش ھەرىكەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن زەربە بېرىپ، خىتاي ۋە چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىراق غەرب ئەللىرى شىركەتلىرى ، خىتايدىكى قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىش ۋە پاتېنت ھوقۇقىنى ئوغرىلاش قىلمىشلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە يىلىغا 16 مىليارد دوللارلىق زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ئورگانلىرى ھۆكۈمەتتىن خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلمىشلىرىغا تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى
- ئېۋانىس خىتاينى پۇل قىممىتىنى ئەركىن تۇتۇشقا چاقىردى
- ئامېرىكا سودا مىنىستىرى دون ئىۋانس خىتايدا زىيارەتتە بولدى
- ئامېرىكا، خىتايدىن ساختا مال ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلدى