ئامېرىكا، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكىسپورت قىلىش مەسىلىسىدە بېيجىڭنى ئاگاھلاندۇردى
2005.06.02
بېيجىڭنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گۇتېرىس پەيشەنبە كۈنى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋە خىتاي توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكىسپورت قىلىش مەسىلىسىدە خىتاينى ئاگاھلاندۇردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇتېرىس " ئامېرىكا ۋە خىتاي توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودىسى مەسىلىسىدە، يەنە سۆھبەتلىشىش ئىمكانىيىتى بار. بىراق ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلىي تەرۇز قىلىش مەسىلىسى بولسا جىنايى قىلمىش. بۇنى چوقۇم جىنايى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش يولى بىلەن ھەل قىلىش كېرەك" دېدى.
ئۇ يەنە خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكىسپورت قىلىش مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىغاندا، باشقا ئەللەردە سودىدا قوغدىنىش ئېقىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گۇتېرىس پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يىتىپ كەلگەن بولۇپ،ئۇ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۈچ كۈن سۆھبەتتە بولىدۇ. گۇتېرىس يەنە خىتاي سودا مىنسىتىرى بوشىلەي ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋۇيى بىلەن ئۇچرۇشۇپ، خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكىسپورت- ئىمپورت قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.
ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى يېقىندا، خىتاينىڭ بىر قىسىم توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا سان چەكلىمىسى قويۇپ، خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان . بۇ يىل 1 - ئايدا تۇقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا قارىتىلغان خەلقئارا سان چەكلىمىسى بىكار قىلىنغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورتى ئىنتايىن تېز ئاشقان ئىدى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پرېزىدېنت بۇش خىتاينى دىنىي ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ماللىرىغا چەكلىمە قويۇشنى ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا- خىتاي سودا مۇناسىۋىتىنى قايتا تەلتۆكۈس مۆلچەرلەش كېرەك
- ئامېرىكا خىتايدىكى قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىش مەسىلىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى
- ئامېرىكا ئورگانلىرى ھۆكۈمەتتىن خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلمىشلىرىغا تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى