پەلەستىننىڭ ۋاقىتلىق رەھبىرى مەھمۇد ئابباس يەكشەنبە كۈنى ئارافاتنىڭ كەپىسىگە كىرىشىگە بىر تۈركۈم قوراللىق كىشىلەر شوئار توۋلاپ قالايمىقان ئوق چىقارغان. توقۇنۇشتا گەرچە مەھمۇد ئابباس ئۆزى ئوق ھۇجۇمىدىن قۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىككى نەپەر قوغدىغۇچىسى قازا قىلغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئابباس قوراللىق كىشىلەرنىڭ ئۇنى نىشان قىلمىغانلىقىنى، بۇ تراگىدىيىنىڭ پەقەت قالايمىقان ئوق چىقىرىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققانلىقىنى تەكىتلىگەن.
پەلەستىن رەھبىرى ياسىر ئارافات ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مەھمۇد ئابباس -1ئاينىڭ -9 كۈنىگە بېكىتىلگەن پەلەستىن پرېزىدېنت سايلىمىغىچە بولغان ئارىلىقتا ۋاقىتلىق رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. بۇ كۆپ قىسىم پەلەستىنلىكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشسىمۇ، لېكىن يەنىلا بىر قىسىم پەلەستىنلىكلەر بۇنىڭغا نارازى بولغان.
پەلەستىننىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى ئارافاتنىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن، پەلەستىننىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش زوراۋانلىق ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشقا تىرىشماقتا. (پەرىدە)