پەلەستىن خەلقى يەكشەنبە كۈنى سايلام ئۆتكۈزۈپ، ۋاپات بولغان رەھبىرى ياسىر ئارافاتقا ئىزباسارلىق قىلىدىغان پەلەستىن ھوقۇق ئورگىنىنىڭ يېڭى رەھبىرىنى سايلاشقا باشلىدى.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سايلام يەرلىك ۋاقىت بىلەن ئەتتىگەن سائەت يەتتىدە باشلىنىپ، كەچ سائەت يەتتىگىچە داۋام قىلغان.
غەززە رايونى ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى 2800 دىن ئارتۇق سايلام پونكىتلىرىدا سايلام تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلغان. كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقىمۇ يۇقىرى بولغان. بىراق يېرۇسالېمنىڭ شەرقىدىكى سايلام پونكىتلىرىدا بولسا بىر قاتار مەسىلىلەر كۆرۈلگەن. بىر قىسىم پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى سايلام مەيدانىدىن ھەيدىۋەتكەنلىكىنى شىكايەت قىلغان.
بۇ قېتىمقى سايلام،1996 - يىلىدىن بۇيان پەلەستىندە ئۆتكۈزۈلگەن تۈنجى ئومۇمىي سايلام بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پەلەستىن خەلقى يەتتە نەپەر كاندىدات ئىچىدىن پەلەستىن مىللىي ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسىنى سايلاپ چىقىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت سايلامغا ئالاھىدە دىققەت - ئېتىبارىنى بېرىپ، 800 دىن ئارتۇق كۈزەتكۈچى خادىملارنى ئەۋەتكەن.
سايلامنىڭ نەتىجىسى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ. بىراق ھازىرقى ئەڭ يېڭى راي سىناشنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، پەلەستىننىڭ سابىق باش مىنىستىرى، فاتىخ ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى مەخمۇد ئابباس ٪ 65 ئاۋازغا ئېرىشىپ، سايلامغا غەلىبە قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. (ئارزۇ)