خەلقئارا جامائەتچىلىك دۈشەنبە كۈنى ماھمۇت ئابباسنىڭ پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغانلىقىنى ئېھتىياتچان بىر ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارشى ئالدى.
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ماھمۇت ئابباسنىڭ پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغانلىقى، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشىغا شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىقنىڭ تىكلىنىشىگە سەۋەپ بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش يەكشەنبە كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، غەززە ۋە ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامغا قاتناشقۇچىلار سانىنىڭ كۆپلىكىدىن ئۈمىدلەنگەنلىكىنى ۋە ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىقنى تىكلەش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . پرېزىدېنت بۇش باياناتىدا، بۇ پەلەستىن خەلقى شۇنداقلا پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق خەلقى ئۈچۈن تارىخىي بىر كۈن دەپ كۆرسەتتى.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى خوزە مانىۋەل باروسسا لوزەمبۇرگدا بەرگەن باياناتىدا، بۇ سايلام تۇراقلىق ۋە دېموكراتىك بىر پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر قەدەم. ئەمدى مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن تەرەپلەر رايوندا تىنچلىق ئورنۇتۇش ئۈچۈن بىرگە ئىشلىشى كىرەك. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئارىئەل شارون بىلەن ماھمۇت ئابباسنىڭ يېقىندا ئۇچرىشىشنى پىلانلىغانلىقى كىشىنى ئۈمىدلەندۈرىدىغان بىر ھەرىكەت، دىدى.
يەكشەنبە كۈنى پەلەستىن خەلقىنىڭ رەھبىرى ياسىر ئارافاتنىڭ ئورۇنباسارىنى سايلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا، ئەلفەتە ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بولغان ماھمۇت ئابباس ئاۋازلارنىڭ 62 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى قولغا كەلتۈرۈپ پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى. (قانات)