پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى توقۇنۇشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2005.02.08
پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى، مىسىردا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا توقۇنۇشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىسرائىلىيە مىنىستىرى ئارىيال شارۇن بىلەن پەلەستىن رەھبىرى مەخمۇت ئابباس نۆۋەتتە مىسىردا ئېلىپ بېرىۋاتقان سۆھبىتىدە، ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرى بىلەن بولغان توقۇنۇشلارنى توختىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىسرائىلىيە مىنىستىرى ئارىيال شارون، پەلەستىنگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.
بۇ 2000 -يىلى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش پارتلىغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم، پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ بىر ئارىغا كېلىپ سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى ھېسابلىنىدۇ.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ماخمۇت ئابباسمۇ، پەلەستىندىكى ھەر قايسى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ غەيرى رەسمىي يوسۇندا ئېلىپ بېرىۋاتقان پارتىزانلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسىگە ئېرىشكەن.
ئوتتۇرا شەرقتە زىيارەتتە بولىۋاتقان، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىسنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى تىنچلىق ئاساسىدا سۆھبەت باشلىدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە پات ئارىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىشى مۇمكىن
- ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈشنى پىلانلىماقتا
- شارون، پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى
- شارۇن پەلەستىن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزدى
- دۇنيا جامائەتچىلىكى ماھمۇت ئابباسنىڭ سايلانغانلىقىنى ئېھتىياتچان ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارشى ئالدى
- پەلەستىندە پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى
- شارون پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە بىشارەت بەردى
- ئامېرىكا ئىسرائىلىيىنىڭ خىتايغا قورال سېتىشىغا قايتا نارازىلىق بىلدۈردى