ئىسرائىلىيە پەلەستىندىكى رادىكال تەشكىلاتلارنىڭ ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى قارشى ئالدى

ئىسرائىلىيە پەلەستىن رادىكال ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى قارشى ئېلىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت بەردى. بىراق ئىسرائىلىيە، پەلەستىن دائىرىلىرىنىڭ بۇ تەشكىلاتلارنى ئاخىرقى ھېسابتا تارقىتىۋېتىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئىسرائىلىيىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئاخۇد ئولمارت، ئىسرائىلىيىنىڭ يۇقىرىقى تەشكىلاتلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشتىن يىراق تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، پەلەستىن ھۆكۈمىتى بىلەن پەلەستىندىكى رادىكال تەشكىلاتلارنىڭ ئالدىنقى كۈنى قاھىرەدە ئىمزالىغان ئۇرۇش توختۇرۇش كېلىشىمىنى قارشى ئالدى. ئۇ، پەلەستىن رەھبىرى ماخمۇد ئابباسنىڭ تېرورچىلىقنى يوقىتىش يولىدا باسقان قەدىمىنىڭ ھەممىسى "ئىجابىي" دەپ باھالىغان.

پەيشەنبە كۈنى پەلەستىندىكى ئىسلامى جىھاد، خاماس قاتارلىق ئون نەچچە تەشكىلات قاھىرەدە پەلەستىن رەھبىرى ماخمۇد ئابباس بىلەن بىر ئارىغا كېلىپ، ئىسرائىلىيىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ساقلىنىش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزگەن. ئامما ئۇلار ئەگەر ئىسرائىلىيە يۇقۇرىقى تەشكىلاتلارغا قارشى ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارسا ئۆرۇش توختۇتۇش ۋەدىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇنىڭ سەل ئالدىدا ئىسرائىلىيە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بەزى شەھەرلىرىنى پەلەستىنلىكلەرنىڭ باشتۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى. (ئەركىن)