خىتاي، پەلەستىن بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەمكارلىشىشقا ۋەدە قىلدى


2005.05.18

پەلەستىن رەھبىرى ماھمۇد ئابباس چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى. شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئالاھىدە كۈچەۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى پەلەستىن بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ۋەدە قىلدى.

ئارافات ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان پەلەستىن رەھبىرى ماھمۇد ئابباس خىتايدىكى بۇ تۇنجى قېتىملىق زىيارىتىدە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىر ۋېن جياباۋلار بىلەن كۆرۈشتى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇ جىنتاۋ ماھمۇد ئابباس بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاي بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ، خىتاينىڭ دۆلەت سىياسىتى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە ھوقۇقتىكى پارتىيىلەر ئوتتۇرىسىدا ئالاقە باغلاپ تۇرۇشنىڭ ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئىككى تەرەپ 5 تۈرلۈك سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى.

ماھمۇد ئابباس خىتايغا كېلىشتىن ئاۋال ياپونىيىنى زىيارەت قىلغان. شۇنداقلا ئۇ ياپونىيىدىن 100 مىليون دوللارلىق ياردەمگە ئېرىشكەن ئىدى. كۈزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيە بىلەن رىقابەتلىشىش ۋە ئوتتۇرا شەرق سىياسىي سەھنىسىدە رول ئويناش مەقسىتىدە پەلەستىنگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلماقتا. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.