ئوتتۇرا شەرقتە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايس چارشەنبە كۈنى مىسىر پرېزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەك بىلەن كۆرۈشۈپ، ھامماس تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىن پارلامېنتى سايلىمىدا ئۇتقاندىن كېيىنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.
رايس يەنە مىسىردىكى دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرى ۋە بىر قىسىم ئۆكتىچىلەر بىلەن كۆرۈشكەن. لېكىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلانمىغان. رايسنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى بۇ سەپىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، ئەرەپ دۆلەتلىرىنى ھامماس رەھبەرلىكىدىكى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىغا قارشى تۇرۇشقا كۆندۈرۈش بولغان.
رايس مىسىردا قىلغان سۆزىدە، ھامماس باشچىلىغىدىكى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ مەۋجۇتلۇق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ھەمدە تېررورچىلىقدىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
رايسنىڭ بۇ قېتىملىق 5 كۈنلۈك سەپىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بولۇپ، رايس ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ پەلەستىن پارلامېنت سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققان ھامماس تەشكىلاتىغا ياردەم بېرىشنى رەت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. (پەرىدە)