رايىس، پەلەستىنلىكلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلدى


2006.10.12

پەلەستىن خادىمىنىڭ بىلدۈرۇشىچە، 6 نەپەر پەلەستىنلىك پەيشەنبە كۈنى ئىسرائىيىلىكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا قازا قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا 10 نەچچە ياشلىق بىر بالا بار ئىكەن.

پەلەستىن بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى قوراللىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلانىنى ئىشقا سېلىپ، ئاباسان كەنتىگە كىرگەن ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ئىككىنى ئېتىپ، خاماس ھەرىكىتىنىڭ ئاز دېگەندە 4 ئەزاسىنى ۋە بىر بالىنى ئۆلتۈرگەن.

پەلەستىن مىلىتانلىرى، بۇ يىل 6 ‏- ئاينىڭ ئاخىرى ئىسرائىلىيىنىڭ بىر ئەسكىرىنى گۆرەگە ئالغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى گازا ئەتىراپىدىكى رايونلارغا قاراتقان ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ ئارىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، چوقۇم ئىسرائىلىيە بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرىدىغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رايىس چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا سۆزلىگەن بىر نۇتقىدا " پەلەستىنلىكلەرگە ياردەم بېرىش، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ" دېدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.