پەلەستىن يېڭى ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى
2007.06.17
خاماس بىلەن فاتاھ ئارىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشتا خاماس غەززا رايونىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندىن كېيىن پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ماخمۇد ئابباس بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى بىكار قىلىۋېتىپ، يەكشەنبە كۈنى يېڭى ھۆكۈمەت تەسىس قىلدى شۇنىڭدەك خاماس تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى قانۇنسىز دەپ جاكارلىدى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، خاماس تەشكىلاتىنىڭ ئادەملىرى كىرمىگەن يېڭى ھۆكۈمەت راماللا شەھىرىدە قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، قەسەم بېرىشكە ماخمۇد ئابباس رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ ھۆكۈمەتكە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن پارتىيىسىز ئەرباب، ئىقتىسادشۇناس سالام فاياد باش مىنىستىر بولغان. يېڭى ھۆكۈمەت قەسەم بېرىپ، پەلەستىن ئاساسىي قانۇنىغا بويسۇنۇپ، پەلەستىنلىكلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. دېمەك، نۆۋەتتە، مەزكۇر يېڭى ھۆكۈمەت خاماس-فاتاخ بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن.
بىراق، خاماس تەشكىلاتى بۇ ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلمىغان بولۇپ، پەلەستىننى يەنىلا ئۆزلىرى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. نۆۋەتتە، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى يەنىلا فاتاخنىڭ قولىدا بولۇپ، پەلەستىن ئىككى پارتىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن ئايرىم-ئايرىم ئىدارە قىلىنماقتا.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە غەززە رايونىنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەشنى توختاتقان. پەلەستىن مەسىلىسى ب د ت ، ئامېرىكا، رۇسىيە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن جىددىي مۇزاكىرە قىلىنماقتا.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- لىۋاندا توقۇنۇش يۈز بەردى
- ئىسرائىلىيە پەلەستىن يېڭى ھۆكۈمىتىدىن ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى
- رايىس، پەلەستىنلىكلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلدى
- ھەسەن نەسرۇللا ئىسرائىلىيىگە قارشى ئوچۇق ئۇرۇش ئېلان قىلدى
- پۇتىن بىلەن بۇش خاماسنىڭ موسكۋا زىيارىتى ھەققىدە سۆزلەشتى
- رۇسىيە يەنە دىپلوماتىيىلىك ئويۇن ئويناۋاتامدۇ؟
- رۇسىيىنىڭ "خاماس" نى تەكلىپ قىلىشى ئىسرائىلىيىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى
- رۇسىيە دائىرىلىرى خاماسنى موسكۋاغا تەكلىپ قىلدى
- خاماس رەھبىرى خەلقئارانى پەلەستىنگە قىلىۋاتقان ياردەمنى توختاتماسلىققا چاقىردى
- نامايىشچىلار ئابباسنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى